ئىسرائىلىيە 2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇماقتا.
بۇ قېتىم غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
سەھىيە مەنبەلىرى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇدىرى مۇنىر ئەل بۇرشنىڭ ئوغلىنىڭمۇ بارلىقىنى جەزملەشتۈردى.
غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى شۇجائىييە مەھەللىسىدە بولسا يەنە بىر پەلەستىنلىك، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى ئاچقان ئوقىدا يارىلانغان بىر پەلەستىنلىك قىزچاقمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى شەيخ رىدۋان مەھەللىسىدە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پۇقرالار ئاپتوموبىلىنى نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك ئۆلدى، 7 كىشى يارىلاندى.

سەھىيە مەنبەلىرى يارىلانغانلار ئارىسىدا ئىككى قىزچاقنىڭ بارلىقىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.
مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي ئۆلۈم-يىتىم سانىنىڭ غەززە مەسئۇللىرى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 200 مىڭغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە پۈتكۈل نوپۇسنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى. ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ 60% نى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2025 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلمىشلىرى داۋام قىلدى. ئۇرۇش توختىغاندىن بۇيان تەخمىنەن 1400 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 4800 كىشى يارىلاندى.




















