يېڭى سۈرىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر ئەسەد بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ماھىر ئەسەد ۋە جىيەنى نەجىبنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما جىيەنى نەجىبتىن باشقا ئەيىبلەنگۈچىلەر قاچقۇن ھالەتتە تۇرماقتا.
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششەر ئەسەد، ئىنىسى ماھىر ئەسەد ۋە جىيەنى شۇنداقلا سابىق دەرئا سىياسىي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاتىپ نەجىبنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

دەپتەر 4 - جىنايى ئىشلار سوتىدا، بەششەر ئەسەد، ماھىر ئەسەد ۋە ئەسەدنىڭ جىيەنى ئاتىپ قاتارلىق ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان داۋاملاشقاندېلوسىدا رەسمىي قارار چىقتى.

2011-يىلى دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان نامايىشلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دەرئادىكى بىخەتەرلىك مەشغۇلاتلىرىدا رول ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن سابىق مەسئۇل ئاتىپ نەجىب بىلەن ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششەر ئەسەدنىڭ ئىنىسى ماھىر ئەسەد قاتارلىق7 ئەيىبلەنگۈچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

سوت رەئىسى قازى فاخرەددىن ئاريان تەكشۈرۈشلەر ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنىڭ ئاتىپ نەجىبنىڭ سۈرىيەدىكى نامايىشلارنىڭ باشلىنىشىدىن كېيىن دەرئادا بەزى تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىشقا ئارىلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەجىبنىڭ 2011-يىلى دەرئادىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك مەشغۇلاتىنى باشقۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئاريان، سوتقا چىقىرلغان نەجىبنى جىنايەتچى دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SANA ئېلان قىلغان قارار تېكىستىگە قارىغاندا، سوت يەنە قاچقۇن ئەيىبلەنگۈچىلەردىن ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششەر ئەسەد، ئىنىسى ماھىر ئەسەد، پەھد جاسم ئېلفۇرەيج، مۇھەممەد ئايمەن ئۇيۇش، لۇئەي ئەلى ئېلئەلى، قۇسەي ئىبراھىم مەھىيۇب، ۋېپىق سالىھ ناسىر ۋە تالال فارىس ئەلئاسىمنى «قەستەن شۇنداقلا ئالدىن پىلانلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈش» ھەمدە «ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن قىيناش» جىنايەتلىرى  بېكىتىلىپ، ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ مەزكۇر جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە شاھىت بايانلىرى دائىرىسىدە باھالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسەدنىڭ جىيەنى ئاتىپ نەجىبتىن باشقا ئەيىبلەنگۈچىلەر قاچقۇن ھالەتتە تۇرماقتا. بەششەر ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ماھىر ئەسەد، 2024-يىلى دېكابىردىكى ئىنقىلاب جەريانىدا چەت ئەلگە قاچقان ئىدى. سۈرىيە قانۇنلىرىغا بىنائەن سوت تەرىپىدىن جىنايەتچى دەپ بېكىتىلگەن ئەيىبلەنگۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ.

ئەمما سۈرىيەدە ئىنقىلابتىن كېيىن باشلانغان يېڭى دەۋردە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنمىدى.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق