غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 5 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە 25 پەلەستىنلىك يارىلانغان.
رايوندا 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا جەمئىي 1399 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭ 863 مىليون كىشى يارىلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ئومۇمىي ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 919 غا، يارىلانغانلار سانى بولسا 174 مىڭ 977 گە يەتتى.
نۆۋەتتە غەززە رايونىدا ۋەيران قىلىنغان بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا ھېلىھەم مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ بارلىقى، يەرلىك مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قىيىن شارائىتتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىشقا چاقىرماقتا.























