تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
6-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ قىبرىس باسقۇچى باشلاندى
مارمارىس قولتۇقىدا مۇسابىقىگە ئاتلانغان يەلكەنلىك كېمە ماھىرلىرى، 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ باسقۇچتا 340 دېڭىز مىلى مۇساپىنى بېسىپ، قىبرىسقا يېتىپ بارىدۇ.
6-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك  مەھكىمىسى يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ قىبرىس باسقۇچى باشلاندى
/ AA

مۇغلا— ئانادولۇ ئاگېنتلىقى: 6 -نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك خەلقئارالىق يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ قىبرىس باسقۇچى باشلاندى.

6-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك خەلقئارالىق يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ «قىبرىس ئارقىن كارپاز دەرۋازىسى دېڭىز پورتى» نامىدىكى باسقۇچى مارمارىستىن باشلاندى.

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بىلەن كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىش مەقسىتىدە 20-ئىيۇل مارمارىستىن قىبرىسقا قاراپ يەلكەن ئاچقان كېمىلەر، 25-ئىيۇل مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ھىمايىسىدە؛ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى، تۈركىيە ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاگېنتلىقى (TGA) ھەمكارلىقى ئاساسىدا، ئىستانبۇل ئوچۇق دېڭىز يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقە كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە DHL Express نىڭ ئاساسلىق ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، 150 تەنھەرىكەتچى 340 مىلىق مۇساپىدە قىزغىن كۈچ سىنىشىدۇ.

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىگە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە «ماۋى ۋەتەن»گە بولغان ساداقەتنىڭ كۈچلۈك سىمۋولى سۈپىتىدىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

باسقۇچ ئاخىرلاشقاندا غەلىبە قىلغان كوماندىغا بۇ يىل تۇنجى قېتىم، ئارقىن ئىجادىي سەنئەت ۋە لايىھەلەش ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى لايىھەلىگەن ئالاھىدە لوڭقا تەقدىم قىلىنىدۇ.

تەنھەرىكەتچىلەر مارمارىس قولتۇقىدا رايون باشلىقى نۇرۇللاھ كايا، جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكى قوماندانى ئادمېرال رافەت ئوكتار، ئاقساز دېڭىز ئارمىيە بازىسى قوماندانى بىرىگادا گېنرالى نەسلىم ئەسكى ۋە ئارقىن گۇرۇپپىسى مۇدىرىيەت رەئىسى ئەربىل ئارقىن قاتارلىقلارنىڭ پۇشتەك چېلىشى بىلەن مۇسابىقە مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

رايون باشلىقى كايا، رېپېر رادىيوسى ئارقىلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۇتۇق تىلەپ، «شامالىڭلار ئوڭ، دېڭىزىڭلار تىنچ بولسۇن!» دەپ ئۆزىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل ئوچۇق دېڭىز يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقە كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئەكرەم يەملىھائوغلىمۇ نويابىردا مارمارىستىن كارپازغا قەدەر يەنە بىر مۇسابىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈركىيە بايرىقىنى داۋاملىق لەپىلدىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
پۇتىن: «رۇسىيە-خىتاي دوستلۇقى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس» دېدى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 19-ماي ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلار ۋە تەنھەرىكەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرى ۋە چېركەس سۈرگۈنلىرىنى «چوڭ ئىنسانىي پاجىئە» دەپ سۈپەتلىدى
تۈركىيە غەززە ياردەم ئەترىتىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قىلغان مۇداخىلىسىن ئەيىبلىدى
ئىران، ھورمۇز بوغۇزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئورگان قۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى
ئىران، پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 ئادەم قازا قىلدى، 4 ئادەم يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا سوقۇلۇپ كەتتى