ئېلون ماسكنىڭ رەھبەرلىكىدىكى SpaceX شىركىتى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆددىگەرلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا «Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىركەت يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن مىلياردلىغان دوللارلىق توختاملار ئارقىلىق واشىنگتوننىڭ مۇداپىئە ۋە ئالەم ئىستراتېگىيەسىدە ھالقىلىق ئورۇنغا يۈكسەلگەن.
خەۋەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلى SpaceX شىركىتىگە تەخمىنەن 4 مىليارد دوللار مەنبە ئاجراتقانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا تېخىمۇ ئۆرلىشىنىڭ كۈتۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شىركەت ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئالەم كۈچلىرى قوماندانلىقىدىن ئىككى چوڭ تۈرنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ بىرى ئۇرۇش سىستېمىلىرى ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، يەنە بىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئايروپىلان ھەرىكەتلىرىنى ئوربىتىدىن كۆزىتىشنى تەمىنلەيدىغان سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ لايىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 6.5 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
پېنتاگون مەسئۇللىرى، SpaceX شىركىتىنىڭ بىيوكراتىيەلىك مۇساپىلەرنى تېز سۈرئەتتە بېسىپ ئۆتەلەيدىغان قۇرۇلمىسى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۈنئىي ھەمراھلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىپ ئالەمگە قويۇپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارى بىلەن ئۆز رىقابەتچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ۋەزىيەتنىڭ، شىركەتنى ئەنئەنىۋى مۇداپىئە سانائىتى گىگانتلىرى بولغان «Lockheed Martin» ۋە «Northrop Grumman» لارنىڭ ئالدىدا ئەۋزەل بىر ئورۇنغا چىقارغانلىقى مەلۇم.
يەنە بىر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەر، SpaceX شىركىتىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ رىقابەتنىڭ ئازىيىشى ۋە ھالقىلىق لايىھەلەردە پەقەت بىرلا شىركەتكە بېقىنىپ قېلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئوخشاش خەۋپلەرنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىكى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتماقتا.
«Wall Street Journal» گېزىت، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئېلون ماسك ئوتتۇرىسىدا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا مەيدانغا كەلگەن يىرىكچىلىك جەريانىدا ئاقسارايدا ئېلىپ بېرىلغان باھالاشلاردا، «SpaceX نىڭ توختاملىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھالقىلىق ئىكەنلىكى» يۆنىلىشىدە بىر خۇلاسىگە كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.


















