تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئەتە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئالاقە ئىدارىسى 15-سېنتەبىردىمۇ باكۇدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەتە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىدارە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 13 -نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 29–30-ئۆكتەبىردە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» ناملىق بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ دائىرىدىكى ئۈچىنچى مۇھاكىمە يىغىنى ئەتە تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇرانمۇ يىغىنغا نۇتقىنى سىنلىق ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى كۆرۈنۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىنى ئوخشىمىغان جامائەتچىلىكلەرگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

پروگراممىدا يەنە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا دائىر مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى
ئىران ئەمدى ئامېرىكاغا ئىشەنمەيدۇ
بېلگىيەدىكى تۈرمىلەردە ئادەم زىچلىقى سەۋەبلىك 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى
نېتانياھۇ ب د ت دا نۇتىقىنى باشلىشى بىلەن تەڭ، تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «نىيۇسۋىك» (Newsweek) ژۇرنىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ھىندونېزىيەدە 13-سېنتەبىر ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 52 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
قازاقىستاندا ھازار دېڭىزىدىكى مانېۋىردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 14 كە يەتتى
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز