«GITEX سۈنئىي ئەقىل تۈركىيە» پائالىيىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى
دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل پائالىيەت تورلىرىدىن بىرى بولغان GITEX (گىتېكس) دائىرىسىدە، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن GITEX AI Türkiye ئىستانبۇل يەرمەنكە مەركىزىدە باشلاندى.
«GITEX سۈنئىي ئەقىل تۈركىيە» پائالىيىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى
GITEX Ai تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئىشىكىنى ئاچتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىسى ساھىبخانلىق قىلغان، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى بولغان دۇنياۋى تېخنولوگىيە پائالىيىتى GITEX ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىشخانىسى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۆكخان يۈجەل، تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە ئۆتۈش مۇساپىسىدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۈجەل تۈركىيەنىڭ پەقەت بىر كۆۋرۈكلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۈچلۈك سانائەت ئىقتىدارى، يۇقىرى ساپالىق ياش نوپۇسى ۋە مىڭدىن ئارتۇق سۈنئىي ئەقىل شىركىتىگە ئىگە تۈركىيە تېخنولوگىيەلىك نىشانلارنى دۇنياۋى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلىغان.

GITEX  نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلال ئەلرەئىسمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتكە 70 دۆلەتتىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى،  300 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە ئىگىلىك تىكلەش كارخانىسى، 150 نەپەر دۇنياۋى نۇتۇق سۆزلىگۈچى، شۇنداقلا باشقۇرۇۋاتقان مۈلكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان 100 دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى قاتناشتى.

پىروگراممىدا يەنە «Turcorn 100» دائىرىسىدىكى يەرلىك شىركەتلەر، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنوپاركلار ۋە خەلقئارالىق تېخنولوگىيە ماگناتلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

ئىزدىنىڭ
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى؛ كىيېۋدا كەم دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 10 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ملادىچنىڭ «ئۇلۇغلىنىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى