مەزكۇر كېلىشىم پىلانى سەككىز دانە رېئاكتور قۇرۇشنى نىشان قىلغان 120 مىليارد دوللارلىق يادرو پىروگراممىسى بىلەن بىرگە، ئالياسكادىكى بىر LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) تۈرىنى ۋە تېكساستىكى 22 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ۋە تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكادىكى چوڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرگە 200 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ مەبلەغلەر ھەققىدە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جەمىيۇڭ بىلەن يېقىندا نيۇ يوركتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سەككىز چوڭ تىپتىكى يادرو رېئاكتورى قۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان 120 مىليارد دوللارلىق يادرو ئېنېرگىيە پىروگراممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر سېلىنمىلارنىڭ، ئۆتكەن يىلى لى بىلەن ھاسىل قىلىنغان 350 مىليارد دوللارلىق «كورېيە ئىستراتېگىيەلىك سودا ۋە سېلىنما كېلىشىمى» دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ۋاشىنگتون بىلەن سېئۇلنىڭ 50 مىليارد دوللارلىق ئالياسكا LNG تۈرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، بۇ تۈرنىڭ «ئالياسكا خەلقى ئۈچۈن زور بىر ئۆزگىرىش يارىتىدىغانلىقىنى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ترامپ يەنە، مەزكۇر پىلاننىڭ تېكساسنىڭ ئېنسىنال رايونىدىكى 22 مىليارد دوللار قىممىتىدە، 6.4 گىگاۋاتلىق تەبىئىي گاز بىرىكمە دەۋرىيلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئاساسىدا سودا كېلىشىملىرىمىز ياتىدۇ. كورېيەنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋەدىلىرىنى كاتتا قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ۋە ئون مىڭلىغان ئامېرىكانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئايلاندۇرۇۋاتىمىز.»






















