خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
ئىران: «ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلغان لىنىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك بەلبېغى بولىدۇ» دېدى.
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى قۇددۇس قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئىسمائىل كانى، ھورمۇز بوغۇزىدىن باب ئەل-مەندەبگىچە، پارىس قولتۇقىدىن قىزىل دېڭىزغىچە سوزۇلغان لىنىيەنىڭ «قارشىلىق كۆرسىتىش سېپى» نىڭ يېڭى بىخەتەرلىك بەلبېغى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كانى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇملىرىغا «قارشىلىق كۆرسىتىش سېپى» نىڭ ئورتاق شەكىلدە قايتۇرما جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىنىڭ ۋاقىت تاللىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن كانى: «ھورمۇز بوغۇزىدىن باب ئەل-مەندەبگىچە، پارىس قولتۇقىدىن قىزىل دېڭىزغىچە سوزۇلغان لىنىيە، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك بەلبېغى بولىدۇ» ئدېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

كانى يەنە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۆز ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز ئۆتكەللىرىنىڭ «قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى» تەرىپىدىن پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «نۆل تاشلاندۇق مۇنبىرى» نىڭ يېپىلىش پروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئەمىنە ئەردوغان پۇقرالارنى «نۆل تاشلاندۇق فېستىۋالى» غا تەكلىپ قىلدى
«ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەكتە»
خاقان فىدان بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
ئەمىنە ئەردوغان: «نۆل تاشلاندۇق» كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى
ئەمىنە ئەردوغان خەلقنى «نۆل تاشلاندۇق» فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلدى
ئەزەربەيجان س ن ن خەۋىرىنى رەت قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
تۈركىيە بېلىقچى كېمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئەلرايى تەكشۈرۈشى: 36 دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۈك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى
دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى تەبرىكلىدى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى
بالقان رەھبەرلىرى قاراتاغدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى