قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پىرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايېۋ پايتەخت بېرلىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز بىلەن كۆرۈشكەن.
كۆرۈشۈشتە تەرەپلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سانائەت، ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە مىنېراللار، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى، رەقەملىك تېخنىكا، شۇنداقلا ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەرەپلەر يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيا—گېرمانىيە» شەكلىدىكى دىيالوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
30 دىن ئارتۇق سودا ھۆججىتى ئىمزالاندى
توقايېۋ بىلەن مېرز كۆرۈشۈشتىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. توقايېۋ يىغىندا ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار بولغان 30 دىن ئارتۇق سودا ھۆججىتىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ كېلىشىملەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا زىيارىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا باۋارىيەگە بېرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە قازاقىستان—باۋارىيە تېخنىكا مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېرزنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلدى
توقايېۋ كۆرۈشۈشتە رايون ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەرقانداق توقۇنۇشنى تىنچ ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
توقايېۋ قازاقىستاننىڭ گېرمانىيە بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۆزئارا مەنپەئەتكە تايانغان ۋە ئەمەلىي نەتىجىنى نىشان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كۆرۈشۈش ئاخىرىدا توقايېۋ مېرزنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەنە گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر شتاينمايېر بىلەنمۇ كۆرۈشتى.























