گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
«تېكنوفېست كۆك ۋەتەن (دېڭىز)» 20–23-ئاۋغۇست كۈنلىرى كوجائەلىنىڭ گۆلجۈك رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. فېستىۋالدا دېڭىز ۋە سۇ ئاستى تېخنولوگىيەلىرى، ھەربىي پاراخوتلار ۋە تۈرلۈك مۇسابىقە-كۆرگەزمىلەر نامايان قىلىنىدۇ.
گۆلجۈكتە «كۆك ۋەتەن» قىزغىنلىقى: تېكنوفېستقا تىزىملىتىش باشلاندى
تېكنوفېست «ماۋى ۋەتەن» تېخنىكا ۋە مۇداپىئە سانائىتىنى گۆلچۈكتە بىر يەرگە جەم قىلىدۇ

تېكنوفېستنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ دېڭىزدىكى كۈچى ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «تېكنوفېست كۆك ۋەتەن» 20–23-ئاۋغۇست كۈنلىرى كوجائەلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە تېخنولوگىيە ئەترىتى فوندى (T3 Vakfı) ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى بولغان فېستىۋال، گۆلجۈك پاراخوت ياساش زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى دېڭىزچىلىق مەدەنىيىتىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ۋاسىتىلىرى ۋە سۇ ئاستى راكېتالىرى مۇسابىقىلىشىدۇ

دېڭىزچىلىق ۋە سۇ ئاستى تېخنولوگىيەلىرىگە مەركەزلەشكەن «تېكنوفېست – 2026» دائىرىسىدە، تېخنولوگىيەگە قىزىقىدىغان ياشلار ئىشلىگەن تۈرلەر مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

پائالىيەتتە ئۇچقۇچىسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى مۇسابىقىسى، سۇ ئاستى راكېتا مۇسابىقىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ۋاسىتىلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم پاراخوتلىرى زىيارەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ

فېستىۋال مەزگىلىدە زىيارەتچىلەر تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قارمىقىدىكى چوڭ ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى يېقىندىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

زىيارەت پىلانى دائىرىسىدە TCG ساۋارونا، TCG  ئانادولۇ، TCG   18 - مارت سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە TCG مۇرات رەئىس سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق پاراخوتلارغا مەخسۇس زىيارەتلەر تەشكىللىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى كۆرگەزمىسى، SAT  ۋە SAS كوماندىر جەڭچىلىرى، دېڭىز ئاۋىياتسىيە قىسىملىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشلىرى شۇنداقلا مۇداپىئە سانائىتىگە دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرمۇ فېستىۋال پىروگراممىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

قاتنىشىش ھەقسىز

«تېكنوفېست كۆك ۋەتەن» فېستىۋالىغا قاتنىشىش ھەقسىز، ئەمما زىيارەتچىلەر ئالدىن تور ئارقىلىق تىزىملىتىشى كېرەك.

تىزىملىتىش ئۈچۈن زىيارەتچىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «NSosyal» دا ھېسابى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

قاتناشقۇچىلار سانى چەكلىك بولغان پائالىيەتتە، 7 ياشتىن يۇقىرى ھەر بىر قاتناشقۇچى ئۈچۈن ئايرىم بېلەت ئېلىش شەرت. 7 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

پائالىيەت مەيدانىغا زىيارەتچىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشى سائەت 09:00 دىن 18:00 گىچە بولىدۇ. پائالىيەتكە تىزىملىتىش ۋە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن «TEKNOFEST» نىڭ رەسمىي تور بېتى (https://www.teknofest.org/tr/) نى زىيارەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ھورمۇز بوغۇزىدا بىر پاراخوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ترامپ ئامېرىكا-ئىران سۆھبەتلىرىگە توسالغۇ بولسا ئوماننى بومباردىمان قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى
ترامپ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى توسۇشنىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىك نىشان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مارمارا يەر تەۋرەشىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە ئۇچۇرى ئېلان قىلدى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم تېكىستىدە ‹60 كۈنلۈك مۆھلەت› يوق
پاپا 14-لېئو ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقتىكى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىران: ئۇرۇش ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئاساسىدا ئاخىرلىشىشى كېرەك
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى:
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك سەۋىيەگە يەتتى
يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلارغا ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ھاۋا ئاپپاراتى ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ بېلگورودقا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلدى
ترامپ مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە 17 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى