يېپىق ۋە ئوچۇق بولۇپ جەمئىي 400 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسى، مەيداننىڭ 20 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق قىسمىنى ئوچۇق كۆرگەزمە رايونى قىلىپ ئاجرىتىش ئارقىلىق بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن ئىشتىراكچىلارنىڭ كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان كۆرگەزمىگە، 263 ى خەلقئارالىق شىركەت بولۇپ جەمئىي 1700 دىن ئارتۇق شىركەت، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچى ۋە 30 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي ساھە خادىمىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆرگەزمە دائىرىسىدە پىلانلانغان 30 مىڭدىن ئارتۇق «B2B» (كارخانىلار ئارا) سۆھبەتلەر، بۇ پائالىيەتنى پەقەت بىر كۆرگەزمە مەيدانى بولۇشتىن ھالقىتىپ، بىۋاسىتە كەسىپ تەرەققىياتى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئېكسپورت توختامى كۆلىمىنى كەم دېگەندە 8 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا
«2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە بۇنىڭدىن باشقا 203 خىل يېڭى مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە جەمئىي 164 قېتىملىق ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ رەقەم ئالدىنقى قېتىملىق كۆرگەزمىدە ھاسىل قىلىنغان ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان كېلىشىملەرنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي تەسىرىنى نامايان قىلىدۇ. «2024-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە يەتكەن 6 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت توختامى كۆلىمىنى، «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسدە كەم دېگەندە 8 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا.
ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېلىدىغان قاتناشقۇچىلار گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ تۆت قىتئەسىدىن كۆپلىگەن شىركەت ۋەكىللىرى، رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى، سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ئېكسكۇرسىيەچىلەر «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى يېڭى مەھسۇلاتلار تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىلەن «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە ئۇچرىشىدۇ. شۇنداقلا، ئادەمسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە سەييارە تەكشۈرگۈچ (rover) ساھەلىرىدە تۈركىيەدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق ئاپتوماتىك ئاپپاراتلار تەييارلانغان ئالاھىدە يوللاردا ئۆز ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
كۆرگەزمە دائىرىسىدە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە سۇپىلارمۇ ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاراخوتى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن «TCG ئانادولۇ» نى ئاساس قىلغان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلار، ئاتاكۆي پىرىستانى ۋە سارايقورغان پورتىدا توختىتىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مىللىي كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرىمۇ ئاتاكۆي پىرىستانىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىنىڭ 9-ماي كۈنى ئاممىغا ئوچۇق كۈن قىلىپ پىلانلاندى.
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى يېڭى مەھسۇلاتلىرى بىلەن «ساھا»گە (مەيدانغا) چىقىدۇ
«2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلار تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە «بايقار» شىركىتى تەرىپىدىن مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ياسالغان، مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ۋە سۈنئىي ئەقىل سەپلىمىلىك ئاپتوماتىك ئىقتىدارلىرى بىلەن دىققەتنى تارتىۋاتقان «مىزراق» (MIZRAK) ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايلىنىپ يۈرگۈچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. بايقار شىركىتى ياساپ چىققان «K2» كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە «سىۋرىسىنەك» (Sivrisinek) ئايلىنىپ يۈرۈپ زەربە بەرگۈچى راكېتا تۇنجى قېتىم «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
«ئاسەلسان» شىركىتىمۇ 5 يېڭى مەھسۇلات ۋە 6 مەھسۇلاتنىڭ يېڭى نەشرى بىلەن كەلگۈسىنىڭ مىللىي تېخنىكىلىرىنى «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە خەلقئارالىق مۇداپىئە ئېكوسىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. شىركەت كۆرگەزمە جەريانىدا «كۆك ۋەتەن» نىڭ يېڭى زەربە بېرىش كۈچلىرىنىڭ «پولات گۈمبەز» (ÇELİKKUBBE) گە يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدىغان پەرقلىق تېخنىكىلارنى، ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى يېڭى سىستېمىلارنى تونۇشتۇرىدۇ.
«روكەتسان» (ROKETSAN) بىلەن «ف ن س س» (FNSS) ھەمكارلىشىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان، جامائەتچىلىك تەرىپىدىن «لازېر قورالى» دەپ بىلىنىدىغان «ئالكا-قاپلان» (ALKA-KAPLAN) ئارىلاشما يۆنىلىشلىك قورال سىستېمىسى سۇپىسىمۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بىلەن «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كۆرگەزمىدە روكەتساننىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
«س ت م» (STM) شىركىتى بولسا زامانىۋى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھاۋا ۋە دېڭىز سىستېمىلىرىنى تۇنجى قېتىم «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىدۇ. شىركەتنىڭ كۆرگەزمىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىدىغان مىللىي تېخنىكىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئۇزۇن مۇساپىلىق كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تۇرىدۇ. مۇقىم قاناتلىق كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «ئالپاگۇ» (ALPAGU) نىڭ ئىلغار ئىقتىدارلار سەپلەنگەن، مۇساپىسى ۋە پايدىلىق يۈك سىغىمى ئاشۇرۇلغان يېڭى مودېلى، ھاۋا مۇداپىئەسى ئۇقۇمىغا يېڭىچە پىكىر ئېلىپ كەلگەن توسقۇچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىسى، شۇنداقلا تېز سۈرئەتلىك ئىستىخبارات ۋە ئۇچۇر ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان كىچىك تىپتىكى چارلاش-كۆزىتىش سىستېمىسىمۇ تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
كۆرگەزمىگە 140 تىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدۇ
كۆرگەزمىگە 140 تىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى، 800 دىن ئارتۇق رەسمىي ئۆمەك ئەزاسى، 200 دىن ئارتۇق سېتىۋېلىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 25 تىن ئارتۇق چەت ئەللىك مىنىستىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كۆپلىگەن ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى، پائالىيەتنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
پىروگرامما دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 17 قېتىملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى، 4 قېتىملىق «Space Talks» (ئالەم بوشلۇقى سۆھبەتلىرى) يىغىنى ۋە ئاساسىي تېما نۇتۇقلىرى ئارقىلىق مۇداپىئە تېخنىكىلىرىنىڭ كەلگۈسى، بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى، سانائەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىلىرى كەڭ كۆلەملىك مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرى، مىنىستىرلار، باش ئىشتاب باشلىقلىرى ۋە ئارمىيە قوماندانلىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىدۇ. قاتناشقۇچى شىركەت تەرەپلەر بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ.
«2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسىنىڭ بۇ يىل گەۋدىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى مەبلەغ سېلىش ئېكوسىستېمىسى بولىدۇ. كۆرگەزمە دائىرىسىدە خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش فوندىلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىن سىرت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېڭىلىق يارىتىش فوندى (NIF) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «DIANA» پىروگراممىسى تەركىبىدىكى شىركەتلەرمۇ ئورۇن ئالىدۇ.
پائالىيەتتە ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ يەرشارىۋى بازارلارغا كىرىشى، مەبلەغكە ئېرىشىشى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارغا سىڭىشىشى قوللاپ قۇۋۋەتلىنىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم نۇقتىسىنى بولسا، ئالەم بوشلۇقى ئېكوسىستېمىسى تەشكىل قىلىدۇ. «2026-يىللىق <ساھا>» مۇداپىئە كۆرگەزمىسى دائىرىسىدە قۇرۇلىدىغان ئالەم بوشلۇقى سارىيى ۋە ئالاھىدە لايىھەلەنگەن «Space Dome» مەيدانى بىلەن ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.











