نۋىدىيا (NVIDIA) سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى Hugging Face نى 13 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدۇ
ئامېرىكا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى نۋىدىيا، سۈنئىي ئەقىل ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق كودلۇق سۇپىلارنىڭ بىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
نۋىدىيا (NVIDIA) سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى Hugging Face نى 13 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدۇ
نۋىدىيا (NVIDIA) سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى Hugging Face نى 13 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدۇ / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۇنياۋى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى نۋىدىيا (NVIDIA) شىركىتى، سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى ھاگگىڭ فېيس (Hugging Face) نى تەخمىنەن 12 مىليارد 930 مىليون دوللارغا سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۋىدىيا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ (Jensen Huang) پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ سېتىۋېلىشنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 18 مىليوندىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت بۇ سۇپىدىن پايدىلانماقتا. سۇپىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق مودېل ۋە 500 مىڭدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ساقلانغان. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يەنە، ھاگگىڭ فېيسنىڭ سېتىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ بارلىق سۈنئىي ئەقىل ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈچۈن ئوچۇق سۇپا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ سۇپىدىكى تەرەققىيات خىزمەتلىرى ئۈچۈن نۋىدىيانىڭ ھېسابلاش مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ مەجبۇرىي ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بۇ قەدەم نۋىدىيانىڭ سۈنئىي ئەقىل بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى
رۇسىيە: ئىراننىڭ «س-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئىشلىمەكتە
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى دۇنيا ماگناتلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكتە
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئوق-دورا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلاپ ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيە پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە