بەشىكتاش پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىدە، ئۆز مەيدانىدا فىرانسىيە ۋەكىلى «ئولىمپىك مارسېل» كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. بەشىكتاش يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت كۆرسىتىپ، مەيداندىن 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن غالىب ئايرىلدى.
تۈپراش تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئىككى كوماندا ئۆزئارا ۋاراتاغا كىرگۈزگەن بىردىن توپ بىلەن 1-1 تەڭ رەۋىشتە ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كىرگەن بەشىكتاش كوماندىسى، ئويۇن كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقىدە 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بەشىكتاش ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى 3 نومۇر بىلەن باشلىدى.
بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىدىن ئىلھان فاقىلى، ۋاكلاۋ سېرنىي، ئامىر مۇرىللو ۋە ئېرنېست پوكۇ ۋاراتاغا توپ كىرگۈزدى؛ مارسېل كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر توپىنى كەيلىيەن ئابدۇللاھ كىرگۈزدى.
بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ئىتالىيەلىك تىرېنېرى ۋىنسېنزو ئىتالىيانو مۇسابىقىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئىككىنچى يېرىم مەيداندا تېخىمۇ ياخشى ماھارەت كۆرسىتىش ئارقىلىق 3 نومۇرغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئوينىدى، مۇكەممەل ئىپادىسىنى نامايان قىلدى. ئاخىرىدا 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئەمما 3 نومۇرلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىزگە تېخىمۇ كۆپ نومۇر لازىم. ئەگەر گۇرۇپپىدىن چىقىشنى ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشنى خالىساق، تېخىمۇ كۆپ نومۇر ئېلىشىمىز كېرەك. مەستانىلىرىمىز بۈگۈن ئاجايىپ قالتىس ئىدى، بىز بۇ غەلىبىنى ئۇلارغا سوۋغا قىلىمىز.»
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە، 15-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە سەپىرىدە «ھوففېنخايم» كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، بەشىكتاش گېرمانىيەدە ئۇچرىشىدىغان ھوففېنخايم كوماندىسى بولسا، ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى گىرېتسىيە ۋەكىلى «OFI» كوماندىسى بىلەن بولغان سەپەر مۇسابىقىسىدە 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولۇش بىلەن باشلىغان ئىدى.
























