ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ مەسئۇد پەزەشكىيانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن. ئەلىيېۋ پەزەشكىيانغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە ۋەزىپىسىدە ئۇتۇق تىلىگەن.
پەزەشكىيانمۇ كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى ۋە تەبرىكى ئۈچۈن ئەلىيېۋگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ۋە ئۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتكەن.
سۆھبەتتە يەنە، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نۆۋەتتە ئىراندا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.























