قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مانېۋىر جەريانىدا ھازار دېڭىزىغا ئېقىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ئەتىگەندە يەنە 2 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ھازار دېڭىزىدا تەلىم-تەربىيە ۋە جەڭگىۋار ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ھاۋا رايىنىڭ تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە دېڭىزغا ئېقىپ كەتكەن 17 ئەسكەرنىڭ 14 ى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى مانگىستائۇ ئىشتاتىدىكى مانېۋىر جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەزكۇر ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن دۆلەتتە 25-سېنتەبىر «دۆلەتلىك ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلىندى. ماتەم مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى، بارلىق كونسېرت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.























