تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىزى قىرغىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا ھاۋا رايىنىڭ تۇيۇقسىز بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن 19 ئەسكەردىن 9 ى قازا قىلدى، 7 سى يوقاپ كەتتى؛ ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش باشلاندى.
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر جەريانىدا 9 ئەسكەر قازا قىلدى،

قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كاسپىي دېڭىزى قىرغىقىدىكى مانېۋىرىدا تەلىم-تەربىيە ۋە جەڭ ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ھاۋا رايى تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ، شامال كۈچەيگەن. بۇنىڭ بىلەن 19 ئەسكەر دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ۋەقەدە 9 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 ئەسكەر قۇتۇلدۇرۇلغان. يوقاپ كەتكەن 7 ئەسكەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى ئېنىقلاش شۇنداقلا ئىزدەپ-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ماسلىشىش مەقسىتىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋرېن كوسانوۋ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەھكىمىنىڭ باياناتىدا، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقى؛ نەق مەيداندا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە تەپتىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنداقلا، زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئىپادىلەندى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە خۇسىي ھۇجۇملىرىغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستانغا  ھەربىي ياردەم قىلىدىغان بولدى
ئىرېلاندىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 160 تەنھەرىكەتچىسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 6 دۆلەت كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر تەشەببۇس قوزغىدى
ئاقساراي «ترامپ تېلېۋىزىيەسى» قانىلىنى قۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىيۇيوركتىكى «تۈرك ئۆيى»دە مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى
فىدان تۈركىيە—مىسىر—پاكىستان—سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى
ئەردوغان ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ: «ۋېتو ئىمتىيازى بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن نىيۇيوركتا كۆرۈشتى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىبرىس ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا مەشىق ئۇچۇشى ئېلىپ باردى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كۇۋەيتلىك ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن