ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەش مەسىلىسىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بېنزىن باھاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقارغان-چىقارمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىنى ئېنېرگىيە مىنىستىرى كرىس رايت ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى داگ بۇرگۇم بىلەن دائىم مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايت بىلەن بۇرگۇم بۇ خىل چەكلىمىنىڭ دىزېل باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما باشقا بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ترامپ: «مېنىڭچە، ئەھۋالىمىز ياخشى، چۈنكى نېفىت باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ھازىر ھورمۇز بوغۇزىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا نېفىت چىقىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ دىزېل باھاسىدىكى مەسىلىنىڭ رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«چۈنكى ئۇ يەردىكى دىزېل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان سۈرئەتتە ئىشتىن چىقىرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، دىزېل مەسىلىمىز بولمايتتى. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دىزېل جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى.»

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى رايتمۇ رۇسىيەدىن كېلىدىغان دىزېل تەمىناتىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن تەمىناتتا قىسچىلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتايدىن كېلىدىغان دىزېل تەمىناتىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئازىيىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاپتوموبىلچىلار جەمئىيىتى (AAA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكادا دىزېلنىڭ ھەر گاللونىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 22-سېنتەبىر 6.53 دوللارغا يېتىپ، رېكورت ياراتقان. 30-سېنتەبىرگە كەلگەندە، بۇ باھا 6.41 دوللار بولغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئامېرىكا سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن 21 پارچە قەدىمكى ئەسەر دەمەشق مۇزېيىدا
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرتتىن ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى
سلوۋاكىيەدە مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئوقۇتقۇچى قازا قىلدى
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
فىرانسىيەدە ئوخشاش بولمىغان ساھە خادىملىرى مائاش ئۆستۈرۈش تەلىپى بىلەن ئىش تاشلىدى
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى