نۆۋەتتە تۇرمۇشتىكى بارلىق مەسىلىلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە چېتىشلىقى بولغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى يەنە كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.
سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىنسانىيەتنى تىزگىنلەمدۇ ياكى مەدەنىيەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارامدۇ؟ بۇنى ھازىرچە پەرەز قىلىش قىيىن. ئەمما تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن بارغانسېرى كەڭ ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
بۇ دائىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بەس - مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلارغا مەلۇم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇشى ۋە ئورۇندالغان ھەر بىر ۋەزىپە ئۈچۈن ھەق تۆلىشىدۇر.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئوخشىمىغان ۋە بەلكىم ئانچە «ساددا» بولمىغان بىر باسقۇچنى باشلىۋېتىشى مۇمكىن.
تور خەۋپسىزلىكى مۇتەخەسسىسى بۇراق بوزقۇرتلار «سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارنى پۇل بەرىپ ئىشلىتىدۇ» دەپ ئاتالغان بۇ باسقۇچنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە توختالدى.
«ئىنسانلار بازارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى تارتىشتەك ئاددىي ئىستەكلەرگە ئاساسەن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ»
بوزقۇرتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ باسقۇچ ئەسلىدە بىر قىسىم ئاددىي تەلەپلەر بىلەن باشلىنىدۇ. سىز ياشاۋاتقان شەھەرنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىڭىزنى ۋە كۈندىلىك يۆنىلىشىڭىزنى بىلىدىغان تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىشقا كىرىشىپ، مەسىلەن، سىز ياشاۋاتقان يەردىكى بىر بازارنىڭ «كۆكتات بۆلۈمىنىڭ رەسىمىنى تارتىش» ۋەزىپىسىنى ئاچىدۇ. بازارغا بېرىپ سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنى سۈنئىي ئەقىل ئەپچىسىگە يوللىغان كىشى ھەقكە ئېرىشىدۇ.
بوزقۇرتلار: «كېلىشىمنى تەستىقلىغاندا بەرگەن بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزغا پۇل ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. سىز ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانسېرى كۆپ پۇل تاپىسىز، كۆپ پۇل تاپقانسېرى يېڭى ۋەزىپىلەرنى تەلەپ قىلالاسىز» دېدى.
خەتەرلىك بىر ئىشىك ئېچىلىشى مۇمكىن
ئەمما بۇراق بوزقۇرتلار كېيىنكى باسقۇچلاردا ئۇنچە ئاددىي بولمىغان سېنارىيەۋى پىلانلارنىڭ ئىشقا كىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ بىر ئورۇننىڭ داۋاملىق سۈرەتكە تارتىلىشى، بىر دۆلەت ئورگىنى بىناسىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن ۋىدېيو ئېلىنىشى، ھەتتا بەلگىلەنگەن بىر ئاپتوموبىل ياكى كىشىنىڭ سۈرىتىنى سىستېمىغا يوللاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
«بۈگۈن كۆكتاتنىڭ سۈرىتىنى تارتقۇزغانلار، ئەتە ئۆزى ئۈچۈن ھالقىلىق، ئەمما سىز ئۈچۈن ئادەتتىكىچە كۆرۈنگەن بىر نىشاننىڭ سۈرىتىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. كىشىلەر شۇ پەيتتە ياخشى بىر ئىش قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ ۋە پۇل تېپىش قىزغىنلىقى بىلەن بۇنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىلدىكى يېڭىلىنىشلار خەتەرلىك بىر دەۋرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇشى مۇمكىن.»























