يانۋار-سېنتەبىر مەزگىلىدە ئېكسپورت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 5.2% ئېشىپ، 210 مىليارد 973 مىليون دوللارغا چىقتى.
تۈركىيە يانۋار-سېنتەبىر مەزگىلىدە قوشنىلىرى ئەزەربەيجان، بۇلغارىيە، گىرۇزىيە، ئىراق، ئىران، سۈرىيە ۋە گىرېتسىيەگە 20 مىليارد 931 مىليون 878 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ سومما، 2025-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 20 مىليارد 273 مىليون 335 مىڭ دوللار سەۋىيەسىدە ئىدى. بۇ دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت، يىللىق ئاساستا 3.2% ئېشىش كۆرسەتتى.
ئەڭ كۆپ ئېكسپورت ئىراققا قىلىندى
تۈركىيە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان قوشنا دۆلەت، تەخمىنەن 6 مىليارد 700 مىليون دوللار بىلەن ئىراق بولدى. ئىراقتىن قالسىلا، 3 مىليارد 900 مىليون دوللار بىلەن بۇلغارىيە 2-، 2 مىليارد 600 مىليون دوللار بىلەن گىرېتسىيە 3 - ۋە 2 مىليارد 200 مىليون دوللار بىلەن گىرۇزىيە 4 - بولدى.
يانۋار-سېنتەبىر مەزگىلىدە يىللىق ئاساستا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەتلەر، تەخمىنەن 19.6% بىلەن گىرۇزىيە، 19% بىلەن سۈرىيە ۋە 16% بىلەن بۇلغارىيە بولۇپ رويخەتكە ئېلىندى.
تۈركىيەنىڭ قوشنىلىرىغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ساھەلەر بويىچە تەقسىملىنىشى كۆزدىن كەچۈرۈلگەندە، «خىمىيەۋى ماددىلار ۋە مەھسۇلاتلىرى» بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.





















