«تېكنوفېست ماۋى ۋەتەن» (كۆك ۋەتەن - دېڭىز) گۆلجۈك كېمەسازلىق زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ. TRT ئالاقە ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان پائالىيەتتە دېڭىز ئارمىيە سۇپىلىرى، ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار، ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
پائالىيەت دائىرىسىدە كاپىتانسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى، كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرى ۋە سۇ ئاستى راكېتاسى بويىچە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
37 خىل دېڭىز ئارمىيە سۇپىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
پائالىيەتتە TCG بارباروس، TCG سالىھ رەئىس، TCG تۇرغۇت رەئىس، TCG كامال رەئىس، TCG دەريا، TCG تۇفان، TCG ئاقچاي، TCG ئالەمدار، TCG ئىستانبۇل، TCG ئورۇچ رەئىس، TCG بۇرغازئادا، TCG ئىمبات، TCG ئاماسرا، TCG سانجاقتار ۋە TCG قالقان قاتارلىق دېڭىز ئارمىيە سۇپىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
بۇلاردىن باشقا TCG ساۋارونا، «ياۋۇز» مۇزېي پاراخوتى، ئۇلاق، سانجار، مارلىن ۋە سالۋو قاتارلىق كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرىمۇ زىيارەتچىلەرگە سۇنۇلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى TCG ئانادولۇ ۋە مىللىي سۇ ئاستى پاراخوتى — مىلدەننىڭ سىناق بلوكىمۇ كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرى
ھاۋا ئاپپاراتلىرى بۆلىكىدە بايراقتار TB2 ۋە بايراقتار TB3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، SH-70 سىخاۋك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە AH-1W سۇپىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بايراقتار TB3 يەنە ئاسەلبوي ۋە ئاسەلبوي پود بىلەن بىرلىكتە نامايان قىلىنىدۇ.
مۇداپىئە سانائىتى بۆلىكىدە پىرانا، بارقان 2، لەۋەنت، تۇفان، باھا، بۇلۇت، سىپەر، ھىسار، گۈرز، قورقۇت، كۆكسۇر، تايفۇن، KMC ۋە پۇسۇ قاتارلىق سىستېمىلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، زىيارەتچىلەر دېڭىز تېخنىكىلىرىدىن باشقا ھاۋا مۇداپىئە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا سىستېمىلىرى، شۇنداقلا يېڭى ئەۋلاد سۇ ئاستى پاراخوت تېخنىكىلىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.
مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى
ئاسەلسان، بايقار، ھاۋەلسان، STM، روكېتسان، تۈرك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى، TEI، MKE، ئاسفات، ئاسپىلسان، FNSS ۋە T3 فوندى قاتارلىق شىركەت ۋە ئورگانلار پائالىيەت مەيدانىدا ئۆز مەھسۇلات ۋە ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات كېڭىشى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە TRT مۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئىلىم-پەن مەركەزلىرى، سېخلار ۋە تەجرىبە رايونلىرىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
مۇسابىقە ۋە نومۇرلار
پائالىيەت مەيدانىدا كاپىتانسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى، سۇ ئاستى راكېتاسى ۋە كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مۇسابىقە، سىناق ۋە نومۇر كۆرسىتىش رايونلىرى قۇرۇلىدۇ.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ SAT ۋە SAS مەخسۇس ئەترەتلىرى تۆت كۈن بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدۇ. دېڭىز - ھاۋا قوماندانلىقى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ھەر كۈنى ئۇچۇش ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
22- ۋە 23-ئاۋغۇستتا «كۆك ۋەتەن يەلكەنلىك كېمىلەر پاراتى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. پىروگراممىدا ھەربىي مۇزىكا ئەترىتى، مەھتەرەن ۋە ئىلىم-پەن نومۇرلىرى، «سەھنە سېنىڭ» پائالىيىتى ۋە N سوسيال نود بىلىم مۇسابىقىسىمۇ بار. 21-ئاۋغۇستتا دا ۋىنچى روبوت ئوپېراتسىيەسى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى
فېستىۋالدا ئارغامچا تارتىشىش، ئارغامچا تاشلاش، تېز سۈرئەتلىك سۇ ئۈزۈش ۋە كۆك ۋەتەن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
22- ۋە 23-ئاۋغۇستتا كۆك ۋەتەن ئەجدىھا كېمە پالاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئارغامچا تاشلاش مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى 23-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
22-ئاۋغۇستتا مەھتەرەن ئەترىتى نومۇر كۆرسىتىدۇ ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن كېيىن سېفو كونسېرتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بايراقتار قالقان ھەربىي قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ
فېستىۋالنىڭ يېپىلىش پائالىيىتىدە «ياۋۇز» مۇزېي پاراخوتىنى ئېچىش ۋە بايراقتار قالقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ھەربىي قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پائالىيەت تېخنىكا مۇسابىقىلىرى ۋە باشقا تۈرلەردە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



















