پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
ناتونىڭ نەزىرى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىدا
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «Steadfast Dart 2026» مانېۋىرىدا نامايان قىلغان يۇقىرى ماھارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى ۋە ناتونىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى.
ناتونىڭ نەزىرى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىدا
تۈركىيە ئارمىيەسى... / User Upload
2026-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى

تۆۋەندە سەرتاچ ئاقساننىڭ «TRT Haber» قانىلى ئۈچۈن يازغان ئانالىزىغا تايانغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلاردا ناتوغا قانداق يول باشلاۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا-تۈركىيە-ناتو ئۈچ بۇلۇڭىدا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى مەسىلىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ چىقىمىز.

يېقىنقى كۈنلەردە ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن تۈركىيە، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئەڭ شانلىق دەۋرلىرىنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ناتونىڭ بۇ يىللىق پىلانىدىكى مەيلى كۆلىمى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قاتنىشىش دەرىجىسى جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «Steadfast Dart 2026» ئاخىرلاشتى. ئەمما تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلات دائىرىسىدە نامايان قىلغان ماھارەتلىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

«TCG Anadolu» ناملىق پاراخوتتىن قوزغالغان «بايراقتار TB-3»نىڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىتلاردا ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، پاراخوتقا ئاپتوماتىك ھالەتتە قونالىشى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئۇزاققىچە چۈشمىدى. ناتونىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى بولسا، بۇ قېتىم باشقىچە بىر مەھسۇلاتنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى ۋە ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى «ئارسلان» ھەققىدە مەخسۇس بىر تېما ھەمبەھرىلىدى.

ئاسەلسان ئاسلان: قىيىن ۋەزىپىلەرنىڭ قەھرىمان روبوتى

ئاساسەلسان شىركىتى ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى «ئاسلان» ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىدارلارغا ئىگە. كۆزىتىش ۋە چارلاش ئېلىپ بارالايدىغان، لازېر نۇرلۇق كىچىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «SARP-L» قورال سىستېمىسى، سىملىق ئۇچقۇ، ئۇزۇن مۇساپىلىك ئاكۇستىكا سىستېمىسىغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق باشقا پايدىلىق يۈكلەرنىمۇ سەپلىگىلى بولىدىغان «ئاسلان» تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.

ئاپتوماتىك ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يىراقتىنمۇ كونترول قىلغىلى بولىدىغان «ئاسلان»، يۇقىرى ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە «ئوتتۇرا تىپتىكى 1-دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئاپپاراتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئالدى-كەينى LED يورۇتۇش چىرىغى، ئالدى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق يورۇتۇش چىرىغى، ئالدى ۋە كەينى كامېرالىرى، 360 گىرادۇسلۇق قۇش قارىشى كۆرۈش سىستېمىسى، ئىككى تەرەپلىمە ئاۋاز يەتكۈزۈش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك ھەرىكەت سېنزورلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بېكىتىش قوبۇللىغۇچىسى قاتارلىقلار بار.

مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئورۇندىيالايدۇ

«ئاسلان»نىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە سېنزور بىرىكتۈرۈش، ئۆتۈشچان رايونلارنى بېكىتىش، ھازىرىي يول پىلانلاش، كېچە-كۈندۈز ئاپتوماتىك ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كاشىلىلاردا «ئاسلان» ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئاپپاراتنىڭ مەشغۇلاتچىنىڭ مۇداخىلىسىسىز مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاسەلسان شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان بۇ سۇپىگە مودۇللۇق قۇرۇلمىسى سايىسىدا، ئوخشىمىغان ۋەزىپە ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن تۈرلۈك پايدىلىق يۈكلەرنى سەپلەشكە بولىدۇ. «SARP-L» قورال سىستېمىسى، كېچە-كۈندۈز كۆرۈش ئىقتىدارى، يىراقتىن قوماندانلىق قىلىپ ئوق چىقىرىش قابىلىيىتى، ھەرىكەت ھالىتىدە ۋە ھەرىكەتچان نىشانلارغا ئوق چىقىرىش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاپتوماتىك نىشان قوغلىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە 7.62 مىللىمېتىرلىق پىلىموت «ئاسلان»نىڭ قورال-ياراغ ئامبىرىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

«ئاسلان» قىيىن بولغان يەر شەكلى شارائىتلىرىدا يۇقىرى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدۇ. ئاپپاراتنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىچىدە ئۆستەڭدىن ئۆتۈش، تىك يانتۇلۇققا ئۆرلەش، يان يانتۇلۇققا بەرداشلىق بېرىش، تىك توسالغۇلاردىن ئۆتۈش، پەلەمپەيلەردىن چىقىش ۋە سۇدىن ئۆتۈش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدىلىكلەرمۇ بار.

تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلاردا ناتوغا يول باشلىماقتا

خۇلاسىلىگەندە، «Steadfast Dart 2026» مانېۋىرى تۈركىيە ئۈچۈن، بولۇپمۇ قولىدىكى ئىمكانىيەتلەرنى نامايان قىلىش، سىناق مەيدانىدا بىۋاسىتە ئىشلىتىش ۋە باشقا قىسىملار بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتە مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناتوغا ئەزا بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە «مۇداپىئە سانائىتى» ئارقىلىق يېڭى بىر چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. بۇ نۇقتىدا تەرەققىي قىلغان ئادەملىك سىستېمىلار، بۇ سىستېمىلار بىلەن ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سۇپىدا مەشغۇلات قىلالايدىغان ئۇل ئەسلىھەگە ئىگە بولۇشى مەسىلىنىڭ يادروسىدۇر.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بايا تىلغا ئېلىنغان بۇ يۆنىلىش ھازىرچە ئېرىشىش خېلىلا قىيىن بولغان بىر نىشاندۇر. ئىتتىپاق ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭى دەۋردىكى مۇرەككەپ سىستېمىلارغا ئىگە بولغان، بۇنى جەڭ مەيدانىدا بىۋاسىتە سىناق قىلغان ۋە ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىگەن بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيە.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، مىلياردلىغان ياۋرولۇق بىر سوئال ئالدىمىزدا تۇرىدۇ: ياۋروپا يېقىن ئەتراپتىكى تەھدىتلەرنى توغرا ھېس قىلىپ، مەيداندا بىۋاسىتە سىستېما ئىشلەپچىقىرالايدىغان بىر دۆلەت بىلەن بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى مۇداپىئە سانائىتىدە نەچچە يىلدىن بېرى قىلىپ كەلگىنىدەك، ئۆز قۇيرۇقىنى تۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مۇشۇككە ئوخشاش ھەرىكەت قىلامدۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تۈركىيە-ناتو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ بۇلۇڭىدا پەقەت ھەربىي سىستېمىلار ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان بىر سودا كۆلىمىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن كەڭ بىر جۇغراپىيەنىڭ پۈتكۈل دىنامىكىسىغا دېگۈدەك بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران نېفىت ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى زەھەرلىك ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى
كولومبىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 66 كىشى قازا قىلدى. ئونلىغان كىشى يارىلاندى
ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى
تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
تەكشۈرۈش دوكلاتى: غەززە قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتتىن چىقىپ كەتتى
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
لىۋان تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە رايوننى كېچىچە ئوققا تۇتتى
ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ پىلانلانغاندىن ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
فاتىھ بىرول: ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈن «زور تەھدىت» شەكىللەندۈرمەكتە
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئالماقتا
خاقان فىدان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا
كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى مۇھىم بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئىستېلاسىنى كېڭەيتىدۇ