سابىق راگبىي (گىلەم توپ) ئوينىغۇچىلىرى، ۋېلىش پۇتبولچىلىرى، بوكسچىلار ۋە ۋاسكېتبولچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئىرېلاندىيەلىك تەنھەرىكەتچى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممەت قاراشلارغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىرېلاندىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كەم دېگەندە 160 تەنھەرىكەتچىسى، ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلغان بىر ئوچۇق مەكتۇپقا ئىمزا قويدى.
پەلەستىن ئۈچۈن ئىرېلاندىيە تەنتەربىيە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن X سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان مەكتۇبتا <توغرا بولغاننى قىلىش پۇرسىتىڭلار بار> دېگەن سۆز ئورۇن ئالدى.
مەكتۇپتا تەنھەرىكەتچىلەرگە ھەممەيلەنگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنىڭ ئۆگىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئومۇمىي قىممەت قاراشلارنىڭ، بېسىم ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك قۇرۇلمىلارنىڭ قايتىدىن شەكىللەنگەن تەنتەربىيە رېئاللىقى بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مەكتۇپتا: «بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ روشەن كۆرۈلىدىغان يېرى، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكتۇر. ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى تەرىپىدىن پىسەنت قىلىنمايدىغان پەلەستىندۇر» دېيىلدى.
ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا نۆۋەتتىكى ۋە سابىق راگبىي ماھىرلىرى، ۋېلىشلىق پۇتبولچىلار، بوكسچىلار، ۋاسكېتبولچىلار ۋە باشقا تۈردىكى تەنھەرىكەتچىلەر بار.
ئىرېلاندىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئومۇمىي كېڭىشى ئىيۇل ئېيىدا، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (UEFA) دۆلەتلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇسابىقىلەرنىڭ بايقۇت قىلىنىشى ھەققىدىكى بىر تەكلىپنى رەت قىلغانىدى.



















