تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكا بوتچورىشۋىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۈچ تەرەپ يىغىنى» دا «ئىستانبۇل باياننامىسى»نى ئىمزالىدى.
باياننامىدە، چوڭقۇر دوستلۇق، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ قىلىش ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۈلگىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، سودا، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك، پەن-تېخنىكا ھەمدە مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بارلىق ساھەلەردىكى مەۋجۇت كۈچلۈك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
رايوندا سىجىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئۈچ دۆلەت قوشقان مۇھىم تۆھپىلەرگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن باياننامىدە، بۇ خىل ئورتاق پوزىتسىيەنىڭ رايون ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە گۈللىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياننامىدە، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزم، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەر، تور ھۇجۇملىرى ۋە ە ئارىلاشما ئۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ۋە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ تونۇپ يېتىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، رايوندا كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئوبراز يارىتىش مەقسىتىدە، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىندى.
رايونلۇق تۇتاشتۇرۇش لىنىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق، ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە رايون تەرەققىياتى ئۈچۈن ھاياتىي بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، مىنىستىرلار بىر-بىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېگرالىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
باياننامىدە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىپ، رايوننىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن رايونلۇق تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ زۆرۈرلۈكى، بۇ مەقسەتتە ھەر ئۈچ دۆلەتنىڭمۇ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلار باياننامىدە: «گىرۇزىيەدىكى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالار ئىچىدە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قايتىدىن تۇرغۇزۇلۇشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە»، دەپ كۆرسەتتى.
يېشىل ئېنېرگىيە ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان باياننامىدە، باكۇ-تىفلىس-جەيھان تۇرۇبا يولى بىلەن جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ رايونلۇق ۋە ياۋروپا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە قوشقان ئىستراتېگىيەلىك تۆھپىسى تىلغا ئېلىندى.
باياننامىدە يەنە، ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە قۇرۇقلۇق يولى تۇتاشتۇرمىلىرى ئارقىلىق رايونلۇق تۇتاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، خەلقلەر ئارا ئالاقىنى، مائارىپ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشلىرىنى، ساياھەت ھەمدە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
تۇتاشتۇرۇش پىلانلىرى
باياننامىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭمۇ ئۆز تېرروتېرىيەسىدىن ئۆتىدىغان خەلقئارا تىرانزىت سىستېمىسىغا ماسلىشىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ تىرانزىت يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەرنىڭ مۇھىملىقى قەيت قىلىندى.
ئوتتۇرا كارىدور دائىرىسىدە باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يولىنىڭ ئويناۋاتقان ھالقىلىق رولى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، تۆمۈر يول پىلانى دائىرىسىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2-ئىيۇن كۈنى گىرۇزىيەدىكى ئاخىلكەلەك خەلقئارا پويىز ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياننامىدە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە گىرۇزىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرى مېخانىزمى ۋاسىتىسى ئارقىلىق، رايونلۇق تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلىنىپ، يېشىل ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ۋە سودىسىغا قاراتقان تۇتاشتۇرمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى شېرىكلىكنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە تېخىمۇ كېڭەيتىشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرى ئەسكەرتىلدى.
مىنىستىرلار باياننامىدە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىجىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قوللاپ، مۇھىتنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سودا ھەمكارلىق مېخانىزملىرى
تۈركىيەنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» تەرەپدارلىرىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنى (COP31) نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، ئەزەربەيجاننىڭ 13-قېتىملىق دۇنيا شەھەرلەر مۇنبىرى يىغىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ساھىبخانلىق قىلىشىنىڭ سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلىقى، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياننامىدە، تېررورىزم، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي مىراسلارغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ۋە تور جىنايەتلىرى بىلەن بىرگە، قورال ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، كۆچمەنلەر ئەتكەسچىلىكى ۋە پۇل يۇيۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرنىڭ ھەر قانداق شەكلىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ھۆججەتلەر ئاساسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدىكى قەتئىي ئىرادە تەكىتلەندى.
ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىنى نىشان قىلغان پىلانلار ۋاسىتىسى بىلەن، ئورتاق مەنپەئەت ساھەسىدىكى ئىقتىسادىي تارماقلاردا سىجىل ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەمكارلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سىگنالى بېرىلگەن باياننامىدە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكسپورت-ئىمپورت ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىندى.
باياننامىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر، سودا-سانائەت ئۇيۇشمىلىرى ۋە سانائەت ھەمدە سودا دۇنياسى جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
26-فېۋرال كۈنى گىرۇزىيەدە «تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە 7-قېتىملىق سودا مۇنبىرى يىغىنى» نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياننامىدە، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئۈچ تەرەپلىك مېخانىزم يىغىنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى تىلغا ئېلىندى.
مىنىستىرلار باياننامىدە، ھەرقانداق ئەھۋالدا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى نامزاتلىقلىرىنى ئۆزئارا قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
مىنىستىرلار يەنە، ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلارنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتىكى 11-قېتىملىق يىغىننى 2027-يىلى، ئۆزئارا كېلىشىلگەن ۋاقىتتا گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.




















