تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف كاسپىي دېڭىزىدا 14 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان مانېۋىردىن كېيىن، 10 كۈن ئىچىدە ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تەييارلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
(ئارخىپ) قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋدىن ھەربىي ئىسلاھات يوليورۇقى

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېف دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەن.

مانېۋىردا ھاياتىدىن ئايرىلغان 14 ئەسكەر ئۈچۈن بىر مىنۇت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغان يىغىندا، توقايېف بۇ ۋەقەنى بەزى ھەربىي قوماندانلارنىڭ ئېغىر بىپەرۋالىقى ۋە ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئادا قىلمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ باھالىغان.

ئۇ مانېۋىر جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ دېڭىزدا ئىشلىتىلىدىغان قۇتقۇزۇش جىلىتلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەنمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەھۋالنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش ھەربىي خىزمەتنىڭ تەشكىللىنىشى، ئارمىيەنىڭ تەمىنات ئەھۋالى، ماددىي ۋە مالىيە مەنبەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

توقايېف ئارمىيەدە ئەتراپلىق ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى خەلقئارا تەجرىبىلەرگە ئاساسەن قايتا تەشكىللەش ۋە ئارمىيەنى رەقەملىك ئۆزگەرتىش مۇساپىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن.

ئۇ مۇمكىن بولغان ساھەلەردە ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىغا تېخنىكا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئارمىيەدە «كۆز-كۆز قىلىشنى مەقسەت قىلغان» مانېۋىرلارغا ئېھتىياج يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىبات باشقارمىسى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا 10 كۈن ئىچىدە ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تەييارلاشنى بۇيرۇغان.

ۋەقە

24-سېنتەبىر قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىزى بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كاسپىي قالقىنى—2026» ناملىق مانېۋىر جەريانىدا، ئەسكەرلەر كېمىدىن دېڭىزغا چۈشۈۋاتقاندا 17 ئەسكەر ئېقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ 14 نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ نەپىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.

ۋەقەدىن كېيىن 25-سېنتەبىر دۆلەتلىك ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغان، يۇقىرى دەرىجىلىك بەش ھەربىي ئەمەلدار قولغا ئېلىنغان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى
ئىران ئەمدى ئامېرىكاغا ئىشەنمەيدۇ
بېلگىيەدىكى تۈرمىلەردە ئادەم زىچلىقى سەۋەبلىك 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى
نېتانياھۇ ب د ت دا نۇتىقىنى باشلىشى بىلەن تەڭ، تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «نىيۇسۋىك» (Newsweek) ژۇرنىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ھىندونېزىيەدە 13-سېنتەبىر ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 52 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
قازاقىستاندا ھازار دېڭىزىدىكى مانېۋىردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 14 كە يەتتى
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز