رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا تۈرك مەدەنىيىتىگە خاس ئىزلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ستانىسلاۋىسكىي/چېخوۋ» ناملىق تىياتىر سەنئەت سۆيەرلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.
ئامىنا ژامان تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەقىقىي ۋەقەلەر ئاساسىدا تۈزۈلگەن بىر پەردىلىك پەلەسپەۋى كومېدىيە، 1928-يىلى سېنتەبىردە بېرلىندىكى بىر تۈرك قەھۋەخانىسىدا رۇس تىياتىرىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى كونستانتىن ستانىسلاۋىسكىي بىلەن مىخائىل چېخوۋنىڭ ئۇچرىشىشىنى تېما قىلغان.
ستانىسلاۋىسكىي ۋە چېخوۋدىن باشقا، قەھۋەخانىدا ئىشلەيدىغان گۈلەر ئىسىملىك ياش تۈرك ئايال ئۈچىنچى پېرسوناژ سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان بۇ تىياتىردا، تۈرك مەدەنىيىتىگە ئائىت ئىزلار ھېكايىنىڭ تەبىئىي ئېقىمى ئىچىدە سىڭدۈرۈلگەن. تۈرك قەھۋەخانىسىدا ئۆتىدىغان تىياتىردا تۈرك چىيى، تۈرك قەھۋەسى، لوقۇم ۋە قەھۋە پاللىرى بىلەن بىرگە ئىستانبۇلغا ئائىت بايانلارمۇ ئورۇن ئالغان.
پوكروۋكا تىياتىرخانىسىدا تىياتىر قويۇلۇش ھارپىسىدا ئەبرۇ سەنئىتى پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلدى. «ستانىسلاۋىسكىي/چېخوۋ» ناملىق تىياتىرنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.






















