بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس پەلەستىنلىكلەر ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ۋەيرانچىلىق ۋە يېتەرسىز ئىنسانىي ياردەملەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
گۇتېررېس ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا: «ئەمدى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي ياردەملەرگە يول قويىدىغان ۋاقىت كەلدى. شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «پۈتۈن رايوندا سىجىل تىنچلىققا ئېللىپ بارىدىغان سىياسىي يول» تېپىشقا چاقىردى.
گۇتېررېس يىللىق خاتىرىلەشنىڭ پەقەت ماتەم تۇتۇشتىنلا ئىبارەت بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىللىق خاتىرىلەش پەقەت يەنە بىر ماتەم يىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئوخشاش بولمىغان كەلگۈسى بەرپا قىلىشقا بولغان يېڭىلانغان بىر قەتئىي ئىرادىنىڭ بەلگىسى بولسۇن؛ ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەر ئۆز ھوقۇقلىرىغا، ئىززەت-ھۆرمىتىگە ۋە ئارزۇلىرىغا ئېرىشكەن ھالدا، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ئىچىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياشىيالايدىغان بىر كەلگۈسى يارىتىلسۇن.»
كۆپ فىرونتلىق ئۇرۇشلار
پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ناھايىتى زور تالاپەتلەرگە، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ۋە ۋەيرانچىلىققا» دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان گۇتېررېس: «ئۇلار تارتىۋاتقان ئازابلارمۇ ئەمدى ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا 74 مىڭ 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
گۇتېررېس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2025-يىلى ئۆكتەبىردە مۇرەسسەچىلىك قىلىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ چەكلىك بىر يەڭگىللىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەمما بۇ كېلىشىمنىڭ «تېخىچە بىخەتەرلىككە، يېتەرلىك ئىنسانىي ياردەمگە ياكى ئەسلىگە كېلىش ۋە تىنچلىققا بارىدىغان ئىشەنچلىك بىر يولغا ئاساس بولالمىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇرۇشلىرىنى رايون خاراكتېرلىك ئەۋج ئالدۇرۇپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىنى بېسىۋالدى ۋە فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قارشى بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشقا كىردى.





















