پىكىر-مۇلاھىزىلەر
تۈرك دۇنياسى
5 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، نامى تېخىمۇ كەڭ تونۇلماقتا. ئورتاق تارىخ، ئورتاق ئەدەبىيات، ئورتاق خەرىتە، ئورتاق ئېلىپبە، تۈرك يىپەك يولى تۈرى… تۈرك دۇنياسى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە...
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى
Türk Devletleri Teşkilatı

تۈرك دۆلەتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، نامى تېخىمۇ كەڭ تونۇلماقتا. ئورتاق تارىخ، ئورتاق ئەدەبىيات، ئورتاق خەرىتە، ئورتاق ئېلىپبە، تۈرك يىپەك يولى تۈرى… تۈرك دۇنياسى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ تەشكىلاتقا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئەزا؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە ۋە تۈركمەنىستان بولسا كۆزەتكۈچى ئەزادۇر.

دەسلەپكى نامى «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» (قىسقارتىپ «تۈرك كېڭىشى» دەپ ئاتالغان) بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى 2009-يىلى 3-ئۆكتەبىر ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە ئىمزالىغان نەخچىۋان كېلىشىمى بىلەن سېلىنغان. 2021-يىلى نويابىردا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ نامى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن. تۈرك دۇنياسىدا 3-ئۆكتەبىر «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.

«تۈرك دۇنياسى يېڭى بىر ئويغىنىش ئىچىدە»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەشكىلاتنىڭ ياۋروئاسىيا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش مۇھىتىنى كۈچەيتىدىغان، ئۈلگە بولالايدىغان بىر سۇپىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئۇ تۈرك دۇنياسىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان كۈچلۈك ئىرادىنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتناشقۇچىلاردا تولۇق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى، مۇستەھكەم ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە يىراقنى كۆزلەيدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن يېڭى بىر ئويغىنىش، يېڭى بىر يۈكسىلىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

«تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېڭى بىر ئاۋاز، يېڭى بىر ئورتاق كۈچ مەركىزىگە ئايلانماقتا»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەشكىلاتنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: «تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئادالەتلىك تەشكىلىي قۇرۇلمىلىرىدىن مەھرۇم بىرلەشمىلەر توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان بىر جەرياندا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېڭى بىر ئاۋاز، يېڭى بىر نەپەس، يېڭى بىر ئورتاق كۈچ مەركىزىگە ئايلانماقتا» دېگەنىدى.

تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەكىللەنگەن تۈرلەر تۈرك دۇنياسىدىكى ھەمبىرلىكنى كۈچەيتمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئوخشاش خەلقئارالىق قۇرۇلمىلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەشكىلاتقا ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان تەشكىلات، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادتىن سىياسەتكىچە، مائارىپتىن مەدەنىيەتكىچە، مۇداپىئەدىن بىخەتەرلىككىچە، قاتناشتىن تاموژنىغىچە، ساياھەتچىلىكتىن تەنتەربىيەگىچە بولغان ھەر خىل ساھەلەردە ھەمكارلىق ئاساسى يارىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

رايون مىقياسىدىكى تونۇلۇشى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، جەمئىي 4 مىليون 250 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىن ۋە تەخمىنەن 160 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن، 15 يىل ئىچىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنى كۈچەيتىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلاندى.

باش مەركىزى ئىستانبۇلدىكى تەشكىلات دۆلەت رەھبەرلىرى كېڭىشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دانىشمەنلەردىن تەشكىللەنگەن ئاقساقاللار كېڭىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تەشكىلات تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت مەجلىسى (TÜRKPA)، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى (TÜRKSOY)، تۈرك مەبلەغ سېلىش فوندى ۋە تۈرك مەدەنىيەت ۋە مىراس ۋەخپىسى قاتارلىق ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئورتاق گەۋدە رولىنى ئۆتەيدۇ.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى (WCO) قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەنمۇ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ۋاكالەتخانا ئاچقان تەشكىلات، بۇ قەدەم ئارقىلىق كۆزەتكۈچى ئەزاسى ۋېنگىرىيەدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ۋە ۋىشېگراد گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى تونۇلۇشىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى ئاساسىدا ئىستراتېگىيە بېكىتىلمەكتە

«تۈرك دۇنياسىنىڭ 2040-يىللىق كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى ھۆججىتى» ئارقىلىق كەلگۈسىگە دائىر ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشلەر بېكىتىلدى. تەشكىلات تۈرك دۇنياسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ مۇھىتىنى مۇستەھكەملەش، سىياسىي ھەمبىرلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ساغلام ئاساسقا قويۇش، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى ئىمكانقەدەر ئەتراپلىق خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن «تۈرك دەۋرى» شوئارى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندا «تۈرك دەۋرى» شوئارى ئاستىدا جەم بولغان رەھبەرلەر، تەشكىلات دائىرىسىدە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يېقىن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي ئىشلاردا تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئورتاق ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرى خەلقلەرنىڭ ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرماقتا. تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتى 34 ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۈرك دۇنياسىدا زور خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىندى.

تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن، 2011-يىلى ئالمۇتادا، 2012-يىلى بىشكەكتە، 2013-يىلى گەبەلەدە، 2014-يىلى بودرۇمدا، 2015-يىلى ئاستانادا، 2018-يىلى چولپانئاتادا، 2019-يىلى باكۇدا، 2021-يىلى ئىستانبۇلدا، 2022-يىلى سەمەرقەنتتە ۋە 2023-يىلى ئاستانادا جەمئىي 10 قېتىم ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە 2020-يىلى ئاپرېلدا توردا، 2023-يىلى مارتتا ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم پەۋقۇلئاددە ئالىي دەرىجىلىك يىغىنغا قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا، 2021-يىلى مارتتا توردا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىستان يىغىنى ۋە 2024-يىلى ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شۇشا يىغىنىدىن ئىبارەت ئىككى غەيرىي رەسمىي ئالىي دەرىجىلىك يىغىنمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

2024-يىلى نويابىردا بىشكەكتە «تۈرك دۇنياسىنى كۈچەيتىش: ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش، سىجىل تەرەققىيات، رەقەملىك كەلگۈسى ۋە ھەممە كىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك» تېمىسىدا 11-نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاننىڭ گەبەلە شەھىرىدە «رايونلۇق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىسىدىكى 12-نۆۋەتلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى 2025-يىلى 21-مايدا بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسىنىڭ زېمىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك يىغىن بولدى.

2026-يىلى 15-مايدا قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە «سۈنئىي ئەقىل ۋە رەقەملىك تەرەققىيات» تېمىسىدىكى غەيرىي رەسمىي ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەت رەھبەرلىرى دەرىجىسىدە 12 قېتىم ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزگەن تەشكىلات، 13-نۆۋەتلىك يىغىنىنى 30-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

تۈرك دۇنياسىنىڭ بايرىقى

بىرلىك ۋە ئورتاق مىراسقا سىمۋول بولغان تارىخىي بىر كۈندە، يەنى 2024-يىلى 6-نويابىر بىشكەكتە جەم بولغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرى كېڭىشى، يىغىندا چىقىرىلغان باشقا نۇرغۇن مۇھىم قارارلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر قارارنى ئېلان قىلدى. تۈرك خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان چوڭقۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخىي رىشتىلەرنى، شۇنداقلا ھەمكارلىق، ھەمبىرلىك ۋە ئىلگىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بۇ قارار ئارقىلىق، كېڭەش تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى ئورتاق نىشانلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى.

ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق مىراس، ئورتاق تارىخ: سەلجۇق يۇلتۇزى

يېڭى بايراقتا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئورتاق تارىخىي قىممەت قاراشلىرىغا ئىشارە قىلىندى. تۈرك-ئىسلام ئەنئەنىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بايراقتا سەككىز ئۇچلۇق يۇلتۇز ئورۇن ئالدى.

بايراق لايىھەسىدە تۇرخۇن كۆك تەگلىك ئۈستىگە سەككىز بۇلۇڭلۇق شەكىل، ھىلال ئاي، يۇلتۇز ۋە تۈز نۇرلىرى تەكشى تارقالغان قۇياش چۈشۈرۈلگەن.

سەككىز ئۇچلۇق يۇلتۇز «سەلجۇق يۇلتۇزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بايراققا قوشۇلغان سەككىز بۇلۇڭلۇق شەكىل ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تۈرك دۆلەت قۇرۇلمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بايراقتىكى ھەر بىر بۇلۇڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا بولغان دۆلەتلەرگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق