ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسىدە، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنى نىشانلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئارمىيە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇملارنىڭ بېيرۇتتىكى «ھىزبۇللاھ ئۇل ئەسلىھەلىرى» نى نىشانلىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
لىۋان مەتبۇئاتلىرى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى داخىيە رايونىغا ئارقىمۇئارقا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى، پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن نىشانغا ئېلىنغان رايوندىن قويۇق تۈتۈنلەرنىڭ ئۆرلىگەنلىكى كۆرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە جەنۇبتا سۇر شەھىرىدىكى بىر پورتنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى ۋە بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى غەربىي بەقا رايونىدا سوخمور بىلەن ماشگارا يېزىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان لىتانى دەرياسى ئۈستىدىكى ئىككى كۆۋرۈكنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلماقتا ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2-مارتتىن بۇيانقى ھۇجۇملاردا 1368 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 4138 كىشى يارىلانغان.
لىۋان ھۆكۈمىتى بولسا دۆلەت ئىچىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1 مىليون 162 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.








