خەلقئارا ئالەم قاتنىشى فېدېراتسىيەسى (IAF) ئۇيۇشتۇرغان قۇرۇلتاي، تۈركىيە سانائەت ۋە پەن - تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقى (TUA) بىلەن SAHA ئىستانبۇلنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئانتاليا NEST قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.
پائالىيەت ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ مەقسەتتە پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىپ، «دۇنيا تېخىمۇ كۆپ ئالەم بوشلۇقىغا موھتاج» (The World Needs More Space) باش تېمىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
قۇرۇلتاينىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سائەت 14:30 دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
108 دۆلەتتىن 6 مىڭ 893 ۋەكىل ۋە قاتناشقۇچى تىزىملاتقان قۇرۇلتايغا خەلقئارا ئورگانلار ۋە ئالەم ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ساھە ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدۇ.
پائالىيەت دائىرىسىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئىلمىي دوكلاتلار ۋە ئەمەلىي مەشىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جۈمە كۈنى ئىشىكلەر بارلىق زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ
2026-يىللىق خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى (IAC) دا تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنىدىغان «كەلگۈسى ئالەم» (Future Space) بۆلۈمىدە يېڭى ئەۋلاد ئالەم تېخنولوگىيەلىرى، تەقلىدىي سىستېمىلار ۋە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى سىناپ كۆرەلەيدىغان تەجرىبىلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ئانادولۇنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىراسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «ئانادولۇدىكىلەر» (Anadolu’dakiler) كۆرگەزمىسىمۇ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارغا سۇنۇلىدۇ.
قۇرۇلتاي دائىرىسىدە ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئالەم قاتنىشى فېدېراتسىيەسى دۇنيا ئالەم بوشلۇقى ساھەسى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
قۇرۇلتاي 9-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ئالەم ئىلمى ۋە تېخنولوگىيەلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان «خەلق كۈنى» پائالىيەتلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت كېلەر يىلى پولشانىڭ پوزنان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ئالەم قاتنىشى فېدېراتسىيەسى 1951 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 82 دۆلەتتىن 604 ئەزاسى بار.





















