تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلىۋاتقان تىنچلىقنىڭ رايونلۇق ھەمكارلىق، سودا ۋە سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «2-نۆۋەتلىك خەلقئارا سېلىنما مۇنبىرى» يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا تەبرىك خېتى يوللىدى. ئۇ خېتىدە دۇنياۋى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قايتا شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلىۋاتقان تىنچلىق رايونلۇق ھەمكارلىق، سودا ۋە سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە كۆپ خىللىشىشنى قوللىماقتا.»

ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئەشيا ئوبوروت ئىمكانىيەتلىرى، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرى، باج ۋە تاموژنا ئېتىبارلىرى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا كەڭ پۇرسەتلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ رايونلۇق مەركەز بولۇش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە سودا، سېلىنما ۋە سانائەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە شېرىكىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېشىل ئېنېرگىيە كارىدورلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەزەربەيجاننىڭ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ساھەسىدىن باشقا، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، رەقەملىك تېخنولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدىمۇ مۇھىم پۇرسەتلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق سىنجاردا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تولۇق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى
مىنىستىر ئاراقچى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىنى «قوش ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇرنھام: غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز
ئابباس ئاراقچى ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ياپونىيەدىكى «دۇجۇئان» تەيفېڭ بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار  سانى 9 غا يەتتى
يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەئىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى قولغا كىرگۈزدى
جەنۇبىي كورېيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەگە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپى سۇندى
ئەردوغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت دا قىلغان نۇتقى دۇنيا مىقياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
مىللىي بوكسچى خەتىجە ئاقباش ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ