جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتىتۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى

ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنەئەن تۈركىيەگە كەلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسنىڭ ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيى ئىشخانىسىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

سۆھبەتكە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلىان بايراقتار، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ۋە جۇمھۇر رەئىسنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

كۈتۈۋېلىشتا تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر دائىم دوست ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ سودا، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەتتە يەنە، 3 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «نۆل تاشلاندۇق مۇنبىرى» نىڭ يېپىلىش پروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئەمىنە ئەردوغان پۇقرالارنى «نۆل تاشلاندۇق فېستىۋالى» غا تەكلىپ قىلدى
«ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى ئامېرىكا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەكتە»
خاقان فىدان بانگلادىش بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
ئەمىنە ئەردوغان: «نۆل تاشلاندۇق» كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى
ئەمىنە ئەردوغان خەلقنى «نۆل تاشلاندۇق» فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلدى
ئەزەربەيجان س ن ن خەۋىرىنى رەت قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
تۈركىيە بېلىقچى كېمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئەلرايى تەكشۈرۈشى: 36 دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۈك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى
دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى تەبرىكلىدى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى
بالقان رەھبەرلىرى قاراتاغدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى