مىڭلىغان نامايىشچى غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «پەلەستىن ئۈچۈن مەملىكەتلىك يۈرۈش» كە قاتناشتى. نامايىشچىلار، پەلەستىن بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ۋە «ئىسرائىلىيەگە قورال بېرىلىشىنى توختىتىڭلار» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ لوندوننىڭ مەركىزىدىن ئۆتتى. ئەنگلىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىشىنى ۋە تولۇق بىر قورال ئېمبارگوسى قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ كىچىك كۆلەمدىكى ئىسرائىلىيەسۆيەرلەر نامايىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ساقچىلار ھەر ئىككى نامايىشقا چەكلىمىلەرنى قويدى.