ئامېرىكادا بىر تىك ئۇچار بىلەن بىر كىچىك ئايروپىلان سوقۇلۇپ كەتتى
ۋىدېيو
ئامېرىكادا بىر تىك ئۇچار بىلەن بىر كىچىك ئايروپىلان سوقۇلۇپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ئاسمىنىدا بىر كىچىك ئايروپىلان بىلەن بىر ساقچى تىك ئۇچارى سوقۇلۇپ كەتتى.

19-ئاۋغۇست كۈنى پېنسىلۋانىيەدىكى كارلىس ئايرودۇرۇمى (Carlisle Airport) ئەتراپىدا بىر كىچىك ئايروپىلان بىلەن پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر تىك ئۇچارى ئاسماندا سوقۇلۇپ كەتتى.

فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (FAA)، سېسنا 150 (Cessna 150) تىپلىق ئايروپىلان بىلەن بېل 407 (Bell 407) تىپلىق تىك ئۇچارنىڭ ئاسماندا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، تىك ئۇچاردا ئىككى كىشىنىڭ، ئايروپىلاندا بولسا، بىر قانچە كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ (NTSB) ۋەقەنى تەكشۈرۈشى كۈتۈلمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەر ئىشغال قىلىنغان لىۋان زېمىنىدا بىر ئۆينى پارتلىتىشتىن بۇرۇن سىنغا ئالدى
ياۋروپادىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى گىرېتسىيەگىمۇ كېڭەيدى
تۈركىيە، قاتار، ھىندونېزىيە ۋە پاكىستان مۇداپىئە ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىدى
«ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق زېمىنى بىزنىڭ»
تاموژنا ئىدارىسى خادىملىرى بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قولىنى سۇندۇرۇۋەتتى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى جەنۇبىي لىۋاندا «غەززە مودېلى»نى قوللانغانلىقى بىلەن ماختاندى
پەلەستىن بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك، مەسئۇلىيىتىمىزمۇ شۇنداق
فىرانسىيەدە نامايىشلار ئەسناسىدا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى دۇكانلار بۇلاڭ - تالاڭ قىلىندى
چۈشۈپ كەتكەن كىرېست بىر راھىبنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىتالىيە ساقچىلىرى مىلاندا نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشتى