ھىندىستاندا ئاپتوبۇس بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتتى
ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسسام ئىشتاتىنىڭ بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسنىڭ يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 24 كىشى جېندىن ئايرىلدى، 11 كىشى يارىلاندى.
ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسسام ئىشتاتىنىڭ بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسنىڭ يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 24 كىشى جېندىن ئايرىلدى، 11 كىشى يارىلاندى.
قاتناش ۋەقەسى كازىرانگا دۆلەت باغچىسىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، جېنىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا بالىلار ۋە ئاپتوبۇس شوپۇرىمۇ بار. ساقچىلار ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، نەق مەيدان شاھىتلىرى ئاپتوبۇسنىڭ سوقۇلۇشتىن بۇرۇن يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.