ئىسرائىلىيەنىڭ پەۋقۇلئاددە ئوڭچى دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىر 6-ئۆكتەبىر ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ چېقىلىشىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ ۋىدېيو تارقاتتى. ئۆي چېقىشتا 70 پەلەستىنلىك ماكانسىز قالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «قۇرۇلۇش ئىجازىتى يوق» دېگەن باھانە بىلەن ئالتۇر (al-Tur) رايونىدىكى 10 ئائىلە تۇرىدىغان بەش قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسىنى چېقىۋەتتى. ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارغا چېقىشتىن بۇرۇن بىنادىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغان ۋە ئۆي جابدۇقلىرىنى ئېلىۋېلىشقا رۇخسەت بېرىلمىگەن.