نەق مەيداندىن تارتىلغان سىنلاردا پەلەستىنلىكلەرنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، خارابىلىكلەرنىڭ ئەتراپتىكى كوچىلار ۋە بازار يايمىلىرىنى قاپلىغانلىقى، رايون ئاسمىنىنى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
بۇ ھۇجۇم 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي يۈز بەردى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ دەيرۇلبەلاھقا قىلغان يەنە بىر ھۇجۇمىدا، بىرى بالا بولۇپ، ئىككى پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.