سۇ بېسىپ كەتكەن كوچىلاردا ئاپتوموبىللار قاتناۋاتقان بىر پەيتتە، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى يوللارنى تازىلاش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (NDMA) ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەۋسۇم يامغۇرلىرى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قازا قىلغانلار سانى 159 غا، يارىلانغانلار سانى 473 كە يەتكەن.