تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار، 2026-يىللىق ئانتاليە دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىدە كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ئەۋزەللىك بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا تەمىنلەش مەنبەلىرى، لىنىيەلەر ۋە باغلىنىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
