ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قىرغىنچىلىق زۇلۇمى داۋاملاشماقتا. قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر بىر مەسچىتكە ئوت قويۇپ بەردى ۋە مەسچىتنىڭ تاملىرىغا «يا كېتىڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىسىلەر» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ تەھدىت سالغان. بۇ يىل غەربىي قىرغاقتا كۆيدۈرۈلگەن جامە-مەسچىتلەرنىڭ سانى 11 گە يەتتى.