ئەردوغان «ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى!» پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى
تۈركىيە
ئەردوغان «ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى!» پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «CAKE NOT HATE» (ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى) پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تېييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا 12 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئوتىزىملىق (روھىي يېتىلىشى نورمالسىز) پائالىيەتچى جوشۇئا خاررىسنى كۈتۈۋالدى. خاررىس ئەنگلىيەنىڭ پېتېربوروغ شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە قارىتىلغان ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن «CAKE NOT HATE» (ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى) پائالىيىتىنى باشلىغان ھەمدە ئىسلاموفوبىيەگە (ئىسلام ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا) قارشى بىر ھەمكارلىق ئۈلگىسى يارىتىپ، ئۆيدە پىشۇرغان پاستىلارنى مەسچىتتىكى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا تارقاتقان ئىدى.

تەھدىتلەرگە قارىماي، جوشۇئا ۋە ئاتىسى دان خاررىس  بۇ تەشەببۇسنى كېڭەيتىپ، ئەنگلىيە مىقياسىدا 100 دىن ئارتۇق مەسچىتنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئىستانبۇلدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، تارىخىي سۇلەيمانىيە جامىسىدىن باشلاپ مەسچىتلەردە ئۆيدە پىشۇرۇلغان پاستىلارنى تارقىتىپ بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدىن ئارىيە
مودىنىڭ ساقچىلىرى ھىندىستان ياشلىرىنى بويسۇندۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى
ئىتالىيەدە مەراكەشلىك بىر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ئۆلگەندىن كېيىن نامايىشلار
تۈركىيەنىڭ ئانتاركتىكا تەتقىقات سەپىرى جەريانىدا دېڭىز مۇزلىرىنىڭ قىرغىقى سۈرەتكە ئېلىندى
رۇسىيە تۈرمىسىگە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش جەريانىدا تۇتۇلغان مۆشۈك
ئىتالىيەدە مەراكەشلىك بىر كۆچمەننىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن نامايىشلار
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلماقتا
ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا يارىلانغان پەلەستىنلىك بالا قازا قىلغان ئانىسىغا ماتەم تۇتماقتا
ئىستانبۇل پارىژنىڭ «مۇھەببەت شەھىرى»لىك سالاھىيىتىنى ئىگىلەش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتامدۇ؟
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە