تونۇلغان خاخام ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك تونۇلغان خاخامنىڭ سىيونىزمنى تەنقىد قىلىشى ئىسرائىلىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى
«مېنىڭ قارىشىمچە، خۇدانىڭ قەۋمى بولغان ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ۋەيرانچىلىق ۋە ئازغۇنلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۆلەتنى قۇرۇشى ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئىش. بۇ خۇدانىڭ نامىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقتۇر. بۇ بىز چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك بولغان چوڭ ساۋاق.»
ئىسرائىلىيەنىڭ 12-قانىلى ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە، 96 ياشلىق ئاشكېنازى خارېدى جەمئىيىتىنىڭ داھىيسى خاخام دوۋ لاندونىڭ سىيونىزمنى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى تەنقىد قىلىشى، ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە چوڭ كىرىزىس قوزغىدى. لاندو نېتانياھۇ ئىتتىپاقىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىغان «دېگېل خاتوراخ» پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى داھىيسى بولۇپ، بۇ پارتىيە يېقىندا ئۇلترا-ئورتودوكس (دىندار) يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىيلىككە چاقىرىلىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن چوڭ پارچىلىنىشقا دۇچ كەلگەن ئىدى.