15-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان يارمۇك مەھەللىسىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدېيولار تارقالدى. بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىنغانەلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىنا ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. مەزكۇر ھۇجۇم، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندا قايتا-قايتا قىلغان بىر قاتار ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.