دادىسى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قازا قىلغان قىزنىڭ نالە-پەريادى
خەلقئارا
دادىسى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قازا قىلغان قىزنىڭ نالە-پەريادى
ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇاپىزەت ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قازا قىلغان ئەل سالۋادورلۇق ئەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا تېببىي جەھەتتىن سەل قارالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكانىڭ نيۇ-جېرسى شتاتىدىكى كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇاپىزەت ئىدارىسىگە (ICE) قاراشلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قازا قىلغان ئەل سالۋادورلۇق ئەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا تېببىي جەھەتتىن سەل قاراش كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇاپىزەت ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى (3-ئاۋغۇست) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دېلانېي خال» (Delaney Hall) تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان ئېدۋىن لوپېز-كورنېخو (Edwin Lopez-Cornejo) نىڭ، ئورگان تەرىپىدىن «تېببىي جىددىي ئەھۋال» دەپ بېكىتىلگەن بىر كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى نيۇ-جېرسى ئىشتاتىنىڭ نيۇئارك (Newark) شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسىدا (University Hospital) قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن لوپېز-كورنېخونىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت ۋە تۇتقاقلىق قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بارلىقىنى، بۇ كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆپ خىل دورا ئىشلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

لوپېز-كورنېخونىڭ ئۆلۈمى دەل ئامېرىكادىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى شارائىتلار كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. «مىللىي كۆچمەنلەر تۈرى» (National Immigration Project) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇاپىزەت ئىدارىسىنىڭ (ICE) نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان 50 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 24 كىشىنىڭ ئۆلۈمى دەل مۇشۇ يىلنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ئىسىرائىلىيە لىۋانغا قارشى ئۇرۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىران كېمىلىرىدىن بىرى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتتى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ئاتالمىش «سېرىق سىزىق» قانداقلارچە «قىزىل رايون»غا ئايلاندۇرۇلدى
ئىسپانىيە ئەسكىرى چېگرادىن قايتۇرماقچى بولغان 12 ياشلىق ماراكەشلىك يېتىم بالا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى
نەق مەيداندىكىلەر رېستوراندا ياشانغان بىر كىشىنىڭ بۇلىنىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ۋەقەگە ئارىلاشتى
لوندون مەركىزىدە تۆت كىشى پىچاقلاندى
ئىككى يىل كېچىككەن يول قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق، يولغا شال تېرىدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىنىڭ سىرتىغا ئىسرائىلىيە بايرىقى ئاستى