ئىسىرائىلىيە يەنە بەش كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
8-ئۆكتەبىر غەززەنىڭ سەبرا مەھەللىسىدىكى بىر بىنا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقلار يۈز بەردى ۋە بىنا خارابىلىككە ئايلاندى.
سەھىيە ئەمەلدارلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە بەش پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان ۋە بىر نەچچە ئادەم يارىلانغان.
غەززە شەھىرى، رەفاھ ۋە خان يۇنۇستا باشقا ھۇجۇملارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىندى.