ئەنگلىيەدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن ئۆكتىچى مۇخبىرلارنى كۆزەتكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىككى ئىران پۇقراسى، سوت تەرىپىدىن جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىندى.
ئەنگلىيە ساقچىلىرى بۇ دېلونىڭ دۆلەتتە ئىران مەخپىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر پەيشەنبە (2026-يىلى 12-نويابىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 41 ياشلىق مۇستافا سەپاھۋەندنىڭ ۋۇلۋىچ خانلىق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، ئىككى ئايرىم جىنايەت بىلەن، 46 ياشلىق فەرھاد جەۋادى مانەشنىڭ بولسا، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوتلانغان 57 ياشلىق شاپۇر قەلئەھالى خانى نۇرى ئاقلاندى.
ئىران دېلوغا چېتىشلىق جاسۇسلۇق ئەيىبلەشلىرىنى رولىنى رەت قىلدى. ئىراننىڭ لوندون ئەلچىخانىسى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېدى: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ لوندون ئەلچىخانىسى ئەنگلىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ، بىرلەشمە پادىشاھلىقتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ياكى ئۇنى قوللاشنى ئىران ھۆكۈمىتىگە ئارتىپ قويۇش خاھىشىدىكى قارا چاپلاش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. مەزكۇر شەخسلەر بىلەن ئىران ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالار پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر.»