3-ئىيۇل كۈنى، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى ئۈچۈن نامايىش قىلغان خىربەت ئەبۇ فالاھ (Khirbet Abu Falah) ئاھالىلىرىگە قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاز دېگەندە بىر پەلەستىنلىك ئەر ۋە بىر خەلقئارالىق پائالىيەتچى يارىلاندى. گۇۋاھچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇم جەريانىدا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، تاش ۋە توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
بۇ ھۇجۇم، ئىسرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 13 يېڭىقانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، يەر-زېمىنتارتىۋېلىشقا بولغان ئەندىشىلەر كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەردى؛ پەلەستىنلىكلەربولسا بۇ قەدەمنىڭ تۇپراقلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.