ھىندىستان دائىرىلىرى 18-ئۆكتەبىر (2026) كۈنى ئاسسام ئىشىتاتىنىڭ لۇتۇمارى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، «ئورمان يېرىگە رۇخسەتسىز كىرىۋالغان» دېگەننى باھانە كۆرسىتىپ، تەخمىنەن 500 مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىدى. ھۇجۇمدا بىر مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دىنىي ئورۇنلارمۇ چېقىۋېتىلدى. ئائىلىلەر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ 1970-يىللاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.