غەززەدىكى پەلەستىنلىك رەسساملار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان خارابىلىق ئىچىدە، پەلەستىنلىكلەرنى ئاشكارا قوللىغان ئامېرىكالىق رەپ ناخشىچىسى ماكلىمورغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تام رەسىمى سىزدى.
ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بار، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ تېمىغا رەسىم سىزغان رەسساملار بوياق ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار بۇ تام رەسىمىنىڭ ئەتراپنى قاپلىغان خارابىلىق ئىچىدە بىر دەقىقە بولسىمۇ رەڭدارلىق ۋە ئىپادە پۇرسىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تام رەسىمىدە پەلەستىن بايرىقىغا ئورالغان ماكلىمور تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، يېنىغا «ئاۋازىڭنى پەلەستىن ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىڭگە رەھمەت» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.