ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ بىرى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT)غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئايرودۇرۇملىرىدا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن ئالاھىدە پاسپورت تەكشۈرۈش رايونلىرى قۇرۇش بولدى. يەنە بىر تەشەببۇس بولسا، قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىلەرنى ئېنىقلاشقا قارىتىلغان ئورتاق بىر مېخانىزم يارىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «جىنايەتكە قارشى كۈرەش كېڭىشى»دۇر. كەلگۈسىدە بۇ مېخانىزم، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ياۋروپولغا ئوخشاش بىر قۇرۇلما بولغان «تۈركپول» (Türkpol)غا ئايلىنىشى مۇمكىن.
مىنىستىرلار يەنە تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كۆچمەنلىك ۋە تور جىنايەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلماقتا.